ئامېرىكانىڭ تولۇق قوراللانغان بىر ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دەتالاشتىكى رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ئاز دېگەندە 10 دانە F-35 تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانى بىلەن تولۇق قوراللانغان زور ھەربىي پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا دەتالاشتىكى رايونلاردا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق خىتايغا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سىگنال بەرگەن.

مەزكۇر خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، USS Wasp دەپ ئاتىلىدىغان، دېڭىزدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئوخشاشلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۇرۇش پاراخوتى چارشەنبە كۈنى فىلىپپىن بىلەن ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر ھەربىي پاراخوت خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىگىلىۋالغان «سىكاربورو دېڭىز تۆپىلىكى» گە 25 دېڭىز مىلى كېلىدىغان يەردە ھەرىكەت قىلغان. گەرچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەرىكىتىنى ئېنىق دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەتراپتىكى فىلىپپىنلىق بېلىقچىلار تارتقان كۆرۈنۈشلەردە ئۇرۇش پاراخوتىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ-قونغانلىقى كۆرۈلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئامېرىكانىڭ تولۇق قوراللانغان ئۇرۇش پاراخوتى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سەپەر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بەرگەن ئېنىق سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «رايونغا تەۋە بولمىغان دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماسلىقى كېرەك،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا ئىككى دۆلەتنىڭ 7000 نەپەردىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچى قاتناشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت