ئامېرىكالىق ھىندىلار خىتايغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.10

«ھىندىستان ھەقىقىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئاۋغۇست بىر توپ ئامېرىكالىق ھىندىلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتچىلەردىن ئاداپا پاراسات مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل يازدا پۈتۈن دۇنيا كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئېلىشىۋاتقان چاغدا خىتاي باشقا دۆلەتنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى. بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىدىلا ئەمەس، باشقا قوشنا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەردى. ئەمدى دۇنيانىڭ بىرلىشىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

بۇ يىل 5-مايدىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا قوغداش قىسىملىرى شەرقىي لاداخ رايونىدا توقۇنۇشقان. 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى توقۇنۇشتا گالۋان ۋادىسىدا سوقۇش يۈز بېرىپ، 20 نەپەر ھىندىستانلىق ئەسكەر ۋە نامەلۇم ساندا خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەنىدى.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن پۇنىت ئاخلۇۋالىيا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى. بىز خىتاينىڭ ئافرىقادىكى ۋە ئىراندىكى قىلمىشلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەڭ يامىنى، ئۇلار ھىندىستانغا ئارقىدىن زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاپ، ئامېرىكالىقلار ئارىسىدىمۇ جاسۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ.»

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان سۇنىل سىڭ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەسلىك ئۇسۇلىنى ماختىغان. ئۇ يەنە ھىندىستانلىقلارنىڭ ھازىر خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكالىق ھىندىلارنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتى خىتايغا قارشى ئۆتكۈزگەن 2-قېتىملىق ئەڭ چوڭ پائالىيىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.