جىم ماتتىس: «ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى يەنىمۇ يۈكسىلىدۇ!»
بۈگۈن يېڭى دېھلىغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس ھىندىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئامېرىكانىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماتتىس مۇخبىرلارغا «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھىندىستان رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدىكى غوللۇق كۈچ. بۇ جەھەتتە بىز ئورتاق قاراشقا ئېگە»، دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي قورال ئىمپورت قىلغۇچى» دەپ قارىلىۋاتقان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكادىن 70 دانە «16ف-» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ سودىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ يېقىندا پاكىستاننى «تېررورچىلارغا پاناھ جاي بولۇپ بەرگەن» لىكتە ئەيىبلەپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۆپەيتكەن ئىدى.