ئامېرىكا يۇنىكلو (Uniclo) ماركىلىق كىيىملەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-19
Share

بلومبېرگ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ يىل 1-ئايدا يۇنىكلو ماركىلىق كىيىملەرنى بىڭتۇەندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاشكارىلىغان بىر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى يۇنىكلو ماركىلىق ئەرەنچە كۆينەكلەر لوس-ئانژېلىس پورتىدا توسۇلۇپ قالغان ۋە ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ كىيىملەرنى ئامېرىكا بازىرىغا قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

يۇنىكلو ياپونىيەنىڭ ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى بولۇپ، ئامېرىكادا 47 سېتىش ئورنى بار ئىكەن. ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ شىركەتنىڭ پاختا خام ئەشياسىنىڭ شىنجاڭدىكى بىڭتۇەندىن كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان. يۇنىكلو شىركىتى خام ئەشيانىڭ بىڭتۇەندىن كەلمىگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات بەرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. يۇنىكلو شىركىتى ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىمپورت ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ شىركەت يەنە بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىقلايدىغان كۈچلۈك بىر مېخانىزم بارلىقىنى، ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق مال تەمىنلگۈچى شىركەتنى بايقاپ قالسا، ئۇلار بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە باغلىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلسا، بىر ياقتىن ئىستېمالچىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇۋاتقان چەت ئەل ماركىلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقىنى چەكلەشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ دۇنيا كىيىم-كېچەك بازىرىنى مونۇپۇل قىلىش چۈشى ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت