ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇساپىرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.08.10


ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى شەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندىكى ئىسيانچىلارنىڭ قوراللىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرەپ بۇ ھاۋا ھۇجۇمغا كۈرەشچى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار قاتناستۇرۇلغانلىقى ۋە ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئىسيانچىلارنىڭ يۈك ئاپتومونبىللىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئەسلىھەلىرى بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى يەنە شىمالىي ئىراقتىكى تاغلىق رايوندىكى مۇساپىرلارغا ھاۋادىن ھەر خىل ئىنسانپەرپۋەرلىكل ياردەملىرىنى يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە زور مىقداردىكى ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىكلەر ۋە باشقىلار بار ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايىمغا قاپسىلىپ قالغان ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى «بىخەتەرلىك كارىدورى» ئاچقان بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئاھالىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشكە قوشۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.