ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 10 يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.06

ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇ يىل ئاپرېلدا 10 يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېڭى ھازىرلانغان خىزمەت پۇرسەتلىرى بۇ يىل ئاپرېلدا زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، ئاپرېلدا جەمئىي 211 مىڭ ئادەم خىزمەت تاپقان.

شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى مارتتىكى 4.5 پىرسەنتتىن 4.4 پىرسەنتكە تۆۋەنلەپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلىنىڭ ئالدىنى ئۈچ ئېيىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا 174 مىڭ ئادەم ئىش تاپقان ئىكەن.

بلۇمبېرگ تورى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىر راي سىناشقا قارىغاندا، ئىقتىسادشۇناسلار ئەسلى ئاپرېلدا 190 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان، ئەمما خىزمەت تاپقانلار سانى كۈتكەندىن ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپرېلدا سودا ساھەسى 94 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلغان بولسا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر 17 مىڭ خىزمەتچى ئالغان.

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئىشلىگەن ئىقتىسادشۇناس جەيسون فۇرمان خىزمەت بازىرىدىكى بۇ يۈكسىلىشنىڭ ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكادىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2007-يىلى 4.4 پىرسەنت بولۇپ، بۇ سان 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن جىددىي ئۆرلىگەن ۋە 2009-يىلى ئۆكتەبىرگە كەلگەندە 10 پىرسەنتكە يەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.