ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن بىر ئوبزوردا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت كاندىداتلىرى خىتاي ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقا چاقىرىلغان.
ئوبزوردا كۆرسىتىشىچە، 17 - سېنتەبىر CNN دە نامزاتلار - ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تاشىقى سىياسەت ھەققىدىكى مۇنازىرىدە خىتاي مەسىلىسى ئاساسەن تىلغان ئېلىنمىغان.
ئوبزورغا قارىغاندا، يېقىندا PEW تەتقىقات جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان بىر راي سىناشتا راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە تور ھۇجۇملىرى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش دېڭىز يولىدىكى ئۇرۇشقاق ھەربىي ھەرىكەتلىرى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىختىلاپ بارلىقىنى كۆرسىتىشكەن.
راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار يەنە خىتايدىن كېلىدىغان ئىمپورت ماللىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ 2001 - يىلىدىن باشلاپ 1 مىليوندىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئوبزوردا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ ئامېرىكا خەلقى كەلگۈسى پرېزىدېنتلاردىن جاۋاب كۈتىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
