ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما كۆچمەنلەر ئىسلاھات سىياسىتىنى خەلققە جاكارلايدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى ئاخشام تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ، كۆچمەنلەر ئىسلاھات سىياسىتىنى جاكارلايدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر ئوبامانىڭ پىلانى مەجلىستە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان 5 مىليون كىشى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. يېڭى ئىسلاھات پىلانى بويىچە، ئامېرىكا چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى چىڭىتىلىش بىلەن بىرگە، بالا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا ئەكەپ قويۇلغان بالىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم ئاشۇرۇلىدىكەن.

بىراق، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا قارشى پرېزىدېنت ئوبامامۇ بۇنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدىغان پرېزىدېنتلىق ئىجرائىي ھوقۇقىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە قارشى چىقماقتا.

ئوباما بۇ ئاخشام تېلېۋىزوردا خەلققە قىلىدىغان نۇتقىدىن كېيىن، لاس ۋېگاس شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ ئىككى يىل ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى ئىسلاھاتىنى مۇشۇ يەردە ئېلان قىلغان. لاس ۋېگاس شەھىرى قاراشلىق بولغان نېۋادا شتاتى بولسا ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ شتات ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت