ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاماتكا زەربىدار گۇرۇپپىسى كورىيە ئارىلى تەرەپكە يول ئالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.09

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىر ئاۋىئاماتكا زەربىدار گۇرۇپپىسىنى كورىيە يېرىم ئارىلى يۆنىلىشىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، «كارل ۋىنسون» ئاۋىئاماتكىسى باشچىلىقىدىكى زەربىدار گۇرۇپپا تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي تەرىپىگە قاراپ ئاتلىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ قوماندانلىق شىتابى باياناتچىسى دەيۋىد بېنخېم شىمالى كورىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ۋەزىيەتنى تۇراقسىزلاشتۇرىدىغان باشۇرىلىدىغان بومبا پروگراممىسى ھەم يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىشى ئارقىلىق رايون خەۋسىزلىكىگە نىسبەتەن ئاساسلىق تەھدىت ھېسابلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە شىمالى كورىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي، يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «كارىل ۋىنسون» ئاۋىئاماتكا زەربىدار گۇرۇپپىسى سىنگاپور پورتىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغاندا، دەرھال يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، كورىيە يېرىم ئارىلى تەرەپكە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان.

بۇنىڭدىن ئىكى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ فلورىدا شىتاتىدا ئۇچراشقان ئىدى. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشتا شىمالى كورىيە مەسىلىسى مۇھاكىمە تېمىسى بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. بىراق، 7-يانۋار كۈنى ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بېشىر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.