ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان يىللىق ھەربىي مانېۋىرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-08-22
Share


17 - ئاۋغۇست باشلانغان مانېۋىرغا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان. ھالبۇكى مانېۋىر شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە تەرەپ بىر بىرىنى توپقا تۇتۇشقاندىن كېيىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىد شيېر مۇنداق دېدى: سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دائىرىلىرى جەنۇبىي كېرىيەنىڭ توپ ئېتىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن مانېۋىرنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ئىدى. بۇ مانېۋىر پىلان قىلىنغان بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە قارىتىپ 4 پاي توپ ئوقى ئاتقان، جەنۇب تەرەپ بۇنىڭغا جاۋابەن شىمالغا قارىتىپ 29 پاي توپ ئاتقان.

شيېر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ شىمالىي كورېيەنى 1953 - يىلىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيەدە ئامېرىكىنىڭ 28 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامېرىكا ھەر يىلى شىمالىي كورېيەنىڭ قارشىلىقى ۋە تەھدىتىگە پىسەنت قىلماي جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىپ يىللىق ھەربىي مانېۋىرنى ئىزچى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت