گېنېرال دانفورد:«ئامېرىكىنىڭ كۈچى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاجىزلىغىنى يوق!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلايدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر تارقالغاندىن كېيىن 6-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى جوسېف دانفورد بۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بەردى.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە گېنېرال دانفورد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «شۈبھىسىزكى بەزىلەر غەرەزلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ، دەپ پىتنە-پاسات تارقاتماقتا» دېگەن. گەرچە ئۇ بىۋاسىتە نامىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، خەۋەردە بۇ گەپنىڭ خىتايغا قارىتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

گېنېرال دۇنفورد يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك زىيارەت بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېكس تىللېرسون ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتارلىقلارنىڭ تىنچ ئوكيان زىيارىتىدىن كېيىن مەلۇم بولغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ زىيارەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاجىزلاپ قالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. چۈنكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن تارتىپلا ئامېرىكىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بەش بۇرجەكلىك بىنا يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» دەپ بېكىتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنا مەملىكەتلەرنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت