ئامېرىكانىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ماھىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «قورقۇنچلۇق» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-01-10
Share

ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغان جۈپ كىشىلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ماھىرى تىموتى لېدۇك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ كۆرسەتكەن. تېمۇتى لېدۇك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە بىر ئايدەك ۋاقىت قالغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈشىگە قارىتا ئاشكارا قارشى ئىپادە بىلدۈرگەن ئاز ساندىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

لېدۇك، كۆپ قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يېپىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلغان.

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېدۇك 9-يانۋار ئامېرىكا كوماندىسىغا تاللانغاندىن كېيىن مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سورىغان. لېدۇك، «بۇنىڭ جاۋاب بېرىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر سوئال» ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ «جاۋابى ئاددىي ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ: «مېنىڭ دېيەلەيدىغىنىم، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قورقۇنچلۇق ئىشلارنى ئېتىراپ قىلىمىز. ئالدىنقى كۈنلەردە بىر يەردە ئوقۇدۇم، بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى ئەڭ كۆپ كىشىنىڭ يىغىۋېلىش ھەم ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىلىشىدۇر» دېگەن.

ئۇ يەنە «دېمەكچى بولغىنىم، بۇلار بىز يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. سىز ئۇ نەرسىلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ناھايىتى چارىسىز ھېس قىلىسىز، چۈنكى سىز ‹مەن نېمە قىلالايمەن› دەپ ئويلايسىز» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تېمۇتى لېدۇك ئامېرىكالىق يەنە بىر ماھىر ئەشلېي كەيىن گرېبىل بىلەن بىللە تۇنجى قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت