ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي چېگراسىغا يېقىن ئېگىزلىكتە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتا قالغان جايغا 100 كىلومېتىرغىمۇ كەلمەيدىغان يەردە ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن بىللە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.

ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىر 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئەسكەرلەر يۇقىرى ئېگىزلىكتە جەڭ قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن. مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ھىندىستاننىڭ ئاۋلى ئىگىزلىكى بولۇپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي دائىم مۇشۇ جاينى تالىشىپ چېگرا توقۇنۇشى پەيدا قىلىپ كەلمەكتىكەن.

2020-يىل 6-ئايدا ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا مۇداپىيە ئەسكەرلىرى ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا بويىدا توقۇنۇشۇپ، 20 ھىندىستان ئەسكىرى، 4 خىتاي ئەسكىرى (خىتاينىڭ مەلۇماتى) ئۆلگەندىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل جىددىي بولۇپ كەلگەن. ھەر ئىككى دۆلەت بۇ چېگراغا ھەربىي كۈچىنى توپلاۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇش پىلتىسىگە ئوت يېقىلىش ئېھتىمالى ھەر زامان مەۋجۇت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي-ھىندىستان چېگراسى بويىغا جايلاشقان پەنگوڭسۇ كۆلىگە كۆۋرۈك سېلىۋالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قىسمىنىڭ قوماندانى چارلىس فلىن (Charles Flynn): «خىتاينىڭ بۇ چېگرا بويلىرىدا توپلاۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە ئەسلىھەلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ،» دېگەن.

ھىندىستان ئامېرىكانىڭ ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىدا قۇرغان «4 دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىسىتىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ: «ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىش بىزنىڭ نىشانىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.