ئامېرىكىدىكى بىر ژۇرنال خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى بىر تور ژۇرنىلى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ئا يىغىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق دەرىجىدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«دۇنيا تور ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە يەنە «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ باردى، دەپ ئەيىپلىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى باستۇرۇشىغا باھانە قىلىپ كۆرسەتمەكتە،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە رادىئويىمىزنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدە 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى» نى ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، تەشۋىقاتقا بوغۇۋاتقانلىقى، «شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيىسى» نى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە يەنە بېيجىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ھۆكۈمەت بىنالىرى، مەكتەپلەرنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارنى بۇ لاگېرلارغا ئەۋەتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلمايدىغانلىقى، بەزى لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ يانچىلاپ ئۇخلايدىغانلىقى، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ قاتتىق سوغۇقلاردىمۇ ئاياقسىز سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەنقىدى پىكىرلەرنى قىلىشى، ئۆزىنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى تىنچ ۋە قورقماي ئىپادىلىشىگە يول قويۇشى كېرەك،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت