ئامېرىكىدىكى داڭلىق رادىئو پروگراممىسى «جون باتچېلىر مەخسۇس پروگراممىسى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.09

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىن تارقىتىش قىلىدىغان داڭلىق رادىئو پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. «جون باتچېلىر مەخسۇس پروگراممىسى» ناملىق رادىئو ئاڭلىتىشى 8-ئاۋغۇست كۈنىدىكى پروگراممىسىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى ئېتنىك تازىلاش» دېگەن تېما ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

داڭلىق پروگرامما رىياسەتچىسى جون باتچېلىر پروگراممىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇسۇلمان تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر يوقاپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاندىن كېيىن تېخى يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاي ئېتنىك تازىلاشنى قايتۇرۇپ كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالە يازغان جوش روگىننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. جوش روگىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولۇشىغا قارىماي ھېچكىم تىلغا ئالمايۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئۇ 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ھازىر يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ئارقىلىق تېررورلۇقنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما ئىشەنچلىك پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا،» دېدى. 

جوش روگىن سۆزىدە بۇنىڭغا مىسال بېرىپ، لاگېرلارغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ گۇناھسىز ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ھازىر قېرىلاردىن باشقا ئادەم قالمىغانلىقىنى، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقىنى بارلار، چەتئەللەرگە بېرىپ باققانلار ياكى دۇنيادىن ئاز-تولا خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا شى جىنپىڭ ئىدىيىلىرىنى يادلاش، چوشقا گۆشى يېيىش، ھەربىر ۋاق تاماقتىن ئاۋۋال شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇشقا ئوخشاش تەلۋىلەرچە ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلىشىدىن قورقۇپ خىتايغا قارشى گەپ قىلالمايدىغانلىقىدەك پاكىتلارنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى. 
جوش روگىن سۆزىدە خىتاي يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنداق بېسىم سىياسەتلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ ئېكسپورت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيادا نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. رادىئو پروگراممىسىدا يەنە ئامېرىكىلىق يازغۇچى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ زىيارەت قىلىنغان. ئۇمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. گوردون چاڭ ئەپەندى ئەسلى ئىسمى شەرقىي تۈركىستان بولغان بۇ زېمىننىڭ ھازىرقى ئىسمىنىڭ «يېڭى چېگرا» مەنىسىدىكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

ھەر ئىككى كۆزەتكۈچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.