ئامېرىكانىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى: «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

23-ئىيۇل كۈنى ئاقسارايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئامېرىكانىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرى دىققەت قوزغىدى.

CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارك ئەسپېر 24-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ئىقتىسادقا قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك بولسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ شۇنچىلىك مۇناسىۋەتلىك،» دەپ كۆرسەتكەن.

مارك ئەسپېر يەنە «مەن خىتاينى ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن، خىتاي مېنىڭ دىققىتىمنى كۈچلۈك قوزغىغان بىر دۆلەت. مەنچە، بىز خىتاي تېخنىكىلىرىنىڭ ئامېرىكا سىستېمىسىغا ۋە ھەتتا ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ سىستېمىغا كىرىش مەسىلىسىگە قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. خۇاۋېي بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى،» دېگەن.

مارك ئەسپېر ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ بۇندىن 3 ھەپتە بۇرۇن مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن NATO دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ۋە بۇ يىغىندىمۇ خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپ ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ «بىريۇسسېلدىكى زىيارىتىم مەزگىلىدە NATO دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن قانداق قىلغاندا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، بۇ مېنىڭ خىزمىتىمدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىدۇ،» دېگەن.

24-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ يەنە بىر ھەربىي پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدا سەپەر قىلدى. بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىيەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ ئەتىسىگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 4 يىل ئارىلىقتىن كېيىن ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىيە ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت