ئامېرىكا مىسىرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2013.07.12
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جەي كارنەي تۈنۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى مىسىر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مىسىرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى خالىغانچە قولغا ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
باياناتچى سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى بارلىق پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشى كېرەكلىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقانداق بىر گۇرۇھ چەتكە قېقىلسا، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قارارنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىسىردا ھەربىيلەر سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ۋە 9 نەپەر غوللۇق يېتەكچىسى ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى. مسىردا مۇھەممەد مۇرسىنى قوللىغۇچى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىلىشى ۋە نامايىشنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىشى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىۋاتقان مىسىر ۋەزىيىتى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت باش كاتىبى بانكۇمىنمۇ تۈنۈگۈن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تېلېفون قىلىپ، ب د ت نىڭ مىسىردىكى بىر چوڭ پارتىيە ياكى ھەرقانداق كىچىك گۇرۇھنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.