ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئاق ساراينىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.18

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاق ساراينىڭ ئالدىدا شام يېقىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى 22-ئىيۇن جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7:30 دە ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى لافايېت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىردى.

باياناتتا، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق «خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خاتىرىلەشكە ۋە ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇشقا» چاقىرغان. بەزى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ لاگېرلارنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئېغىر پسىخولوگىيەلىك بېسىم، لاگېرلارنىڭ ناچار تاماق ۋە تازىلىق شارائىتى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەگەر بۇ لاگېرلارنىڭ دەرھال تاقىلىپ، ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلار دەرھال قويۇپ بېرىلمىسە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت سانىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر ياشلار دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا 2 ئايلىق مارافونچە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئاتالمىش بۇ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە شۇنداقلا ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرالارنى ھېچقانداق جىنسىي ۋە ياش پەرقىگە قارىماي سولىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.