ئامېرىكا قوراللىق قىسىملار مۇلازىمەت كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-14
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «قوراللىق قىسىملار مۇلازىمەت كومىتېتى» نىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي بېكىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكادىكى «ۋاشىنگتون ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىسى» گېزىتى يۇقىرىقى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقىغا بۇ ھەقتە يوللىغان تەلەپنامىسىنى كۆرگەن بولۇپ، كومىتىت ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى يوللىغان تەلەپنامىسىدا مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى زوراۋانلىق، قىيناش، تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە قۇل قىلىش قاتارلىق سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇ خەلقنى تۈپتىن ياكى قىسمەن يوقىتىش مۇددىئاسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.»

«ۋاشىنگتون ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىس ۋە جوۋ ۋىلسون «بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش ۋە ئۇلارنى قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى بانكىس ۋە ۋىلسون يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بەلگىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى قەستەن ئۆلتۈرۈش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، قولغا ئېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن ۋە قىسمەن ۋەيران قىلىدىغان شارائىتنى ياراتتى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ زىيانكەشلىكنىڭ خاراكتېرىنى رەسمىي يوسۇندا بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا بۇ ھەقتە قىلىنىۋاتقان چاقىرىقلارمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت