رۇسىيە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.04.29

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف 29-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ يەنە غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازانى دىپلوماتىيە سىياسىتى قورالى قىلىشتەك ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ رۇسىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكىنىڭ تۆمۈر پەردىلىك ئېمبارگوسى بىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىمىزگە ئېغىر زەربە بولدى. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي ئېمبارگو 1949-يىلى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق تۆمۈر پەردە شەكلىدىكى ئېغىر جازاسى بولدى» دېگەن.

ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە رۇسىيەنىڭ قىسمەن سىياسىي ئەربابلىرى ۋە سودىگەرلەرگە ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ۋە مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان شۇنداقلا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.