ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى سابىق ئەلچىسى رۇسىيە ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنمەكچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-07-19
Share

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوباما دەۋرىدە خىتايدا ئەلچى بولغان جون ھۇنتىسمەن ئەپەندىنى رۇسىيە ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سابىق پرېزىدېنت رېگان دەۋرىدىن باشلاپ ئامېرىكا سىياسىتىدە رول ئويناپ كېلىۋاتقان، يۇتاخ شتاتىنىڭ سابىق باشلىقى جون ھۇنتىسمەن ئەپەندى، خىتايدا باش ئەلچى مەزگىلىدە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى يېقىندىن قوللىغان.

ئوتتۇرا شەرقتە قوزغالغان ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى بىلەن خىتايدا ياسىمىن ھەرىكىتى باشلانغاندا جون ھۇنتىسمەن نامايىش مەيدانىدا پەيدا بولغان؛ بۇ ئەينى چاغدا خىتاي ۋە ئامېرىكادا تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان. ئۇ باش ئەلچى مەزگىلىدە يەنە ئەلچىخانا تور بېتىدە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلغان رامزان تەبرىكنامىسى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، ھۇنتىسمەن رۇسىيەگە ئەلچىلىككە تەيىنلەنسە، بۇنىڭ روسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت