بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھەر ئىككى پالاتادا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئۆتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

4-نويابىر ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك پالاتا سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالتىسىنى تولۇق كونترول قىلغاندىن باشقا، كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئۆتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاۋام پالتىسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلارنىڭ قولىدا ئىدى. ھالبۇكى بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىنىمۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە تارتقۇزۇپ قويدى.

نۆۋەتتىكى سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئورۇننىڭ 52 سىنى ئىگىلىگەن، دېموكراتلار بولسا 44 ئورۇنغا ئېرىشكەن.

ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 ئورۇننىڭ 243 ئىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر 178 ئىنى دېموكراتلار ئىگىلىگەن.

بۇ نۆۋەتلىك مەجلىس 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاز سانلىقلار رەئىسى مىچ مىكونېل 1-ئايدىن باشلاپ كۆپ سانلىقلار رەئىسىگە ئايلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككىلا پالاتانىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئوباما ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت