سېناتور بوب مېنېندىز ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.03.14

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا 13-مارت كۈنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنياغا شەكىللەندۈرۈۋاتقان خەۋپى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېچىلغان بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان سېناتورلاردىن بوب مېنېنداز سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت 4 جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ئۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ ھازىر دۆلەت ئىچىدە ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇردى. بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى قايتا تەربىيە نامىدا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مۇتلەق نازارەتنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇردى» دېدى.

ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قۇرۇشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كەسكىن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېيمىس رىشمۇ سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندىكى كىرىش سۆزىنى «خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمى لىبىراللىققا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن دېگەن ئارزۇ بىلەن 20 يىلدىن بېرى خىتاينى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا ئەمدى بۇ كۆز قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى» دەپ باشلىدى.

ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرىگە تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدە «ساقچى دۆلىتى» شەكىللەندۈرۈپ، ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ يەر شارى تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.