ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پېنس شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-04-17
Share

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنس جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بۈگۈن شىمالىي كورېيەگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پېنس شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ يېقىندا سۈرىيە بىلەن ئافغانىستانغا قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ئىككى ھەپتە جەريانىدا پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىمىزنىڭ سۈرىيە بىلەن ئافغانىستاندا قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى كۆردى. شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچلۈك ھەربىي كۈچى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوق.»

كۆزەتكۈچىلەر، پېنسنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزگەن زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇمكى، يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئافغانىستانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى شۇنداقلا پرېزىدېنت ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى خىتاينى ئارىلاشتۇرماي تۇرۇپمۇ بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت