ئامېرىكانىڭ ئۈچ ئاۋىئاماتكىسى تىنچ ئوكياندا شىمالىي كورېيەگە كۈچ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-13
Share

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان بىرلىكتە مەشغۇلات قىلىپ كېلىۋاتقان «رونالد رېگان»، «تيودور روزۋېلىت» ۋە «نىمىز» ناملىق ئۈچ ئاۋىئاماتكىسى تۈنۈگۈن غەربىي تىنچ ئوكياندا تەڭلا پەيدا بولۇپ كۈچ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ھەر بىرى يۈز مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان غايەت زور شەكىلدىكى ئۈچ پاراخوتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىكتە مەشغۇلات قىلىشى ئىكەن.

س ن ن نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئاۋىئاماتكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرلىكى ئەۋج ئېلىۋاتقاندا مەزكۇر رايوندا پەيدا بولۇشى ھەمدە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر قىلىشىنى «ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىدىن ھېچقاچان قورقۇپ قالمايدۇ» دېگەن سىگنالغا باراۋەر، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي كورېيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا «بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ ئاۋىئاماتكىنى بۇ يەرگە ئەۋەتتۇق» دېگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بۇنى «كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زەھەرخەندە ھەرىكەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «ئەگەر شىمالىي كورېيە مۇشۇ تەرىقىدە ئىغۋاگەرلىك قىلىۋەرسە بىزنىڭ ئۇنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ تاشلاشتىن باشقا چارىمىز يوق» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت