ئاقساراي شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگو قويغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-03
Share


2 - يانۋار، ئاقساراي دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەگە «سوني» شىركىتىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك يېڭى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىگە قاراتقان ئىقتىسادىي چەكلىمىسى شىمالىي كورېيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەربىي ئاخبارات بۆلۈمى، ھاۋادىن تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق 3 ئورگان ۋە 10 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ شىمالىي كورېيەلىك خادىملارنىڭ بىر قىسمى خىتاي، ئىران، سۈرىيە، رۇسىيە ۋە نامىبىيە قاتارلىق ئەللەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى «سوني» فلىم شىركىتى يېقىندا شىمالىي كورېيە دۆلەت رەئىسى كىم جۇڭ ئۇننى ئۆلتۈرۈش باش تېما قىلىنغان «زىيارەت» ناملىق بىر كومېدىيىلىك فىلىم ئىشلىگەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر فىلىم تارقىتىلىش ئالدىدا شىركەتنىڭ مۇھىم مۇلازىمېتىرلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھۇجۇمنىڭ شىمالىي كورېيەنى مەنبە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈلگەن.

شۇندىن كېيىن ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇمنى قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەنبىھ چارىلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، شىمالىي كورېيە تا ھازىرغىچە بۇ ھۇجۇمدا قولى يوقلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەنى 1950 - يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت