ئامېرىكا شىركەتلىرى ئەمدى بىڭتۇەن شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-02
Share

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» تورىنىڭ 2-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ بىڭتۇەن تەۋەلىكىدىكى شىركەتلىرىگە كەڭ-كۆلەملىك جازا يۈرگۈزۈشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتى ئاياغلاشقان. ئاقسارايدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتىمۇ «ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ ھەربىي سانائەت تۈسىنى ئالغان كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا سودىسىنىڭ 17 پىرسەنتىنى كونترول قىلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى «ماگنېتىسكى قانۇنى» غا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا چېتىشلىق شەخسلەرنى جازالىغاندا، بىڭتۇەن ئەمەلدارلىرىنىمۇ جازالىغان. چۈنكى بىڭتۇەن دائىرىلىرى ۋە شىركەتلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بىڭتۇەن شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئارىلىقتا بۇ مۇددەتنى يەنە ئىككى ئاي ئۇزاتقان. بۇ مۇددەت توشقاندا بىر قىسىم شىركەتلەر ۋاقىتنى يەنە ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى بىڭتۇەن بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن.

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدىن خەۋىرى بار بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىڭتۇەنگە جازا يۈرگۈشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر مىنىستىرلىق تاپشۇرۇۋالغان مۇددەتنى ئۇزارتىش تەلەپلىرى ناھايىتى ئازلىغان. بىڭتۇەننىڭ سودىسى 147 دۆلەتكە كېڭەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قۇل قىلىش بەدىلىگە كەلگەن بۇنداق يەر شارى خاراكتېرلىك سودا كېڭەيمچىلىكى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنى بىڭتۇەننى جازالاشقا ئېلىپ بارغان، ئەگەر بۇ جازا يۈرگۈزلۈپ قالسا تارىختىكى ئەڭ زور كۆلەملىك جازا بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت