ئامېرىكادىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پېنسىيە فوندىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە قاتناشقان خىتاي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.31

ئامېرىكادىكى «بازفېد» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكادىكى بەزى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېت، ۋەخپە ۋە پېنسىيە فوندىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن خىتاي كارخانىلىرىنى مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغان يۈز تونۇش يۇمشاق دېتالىنى خوڭكوڭدىكى «سەنس تايىم»، ناملىق شىركەت بىلەن بېيجىڭدىكى «مەگۋى»، ناملىق ئىككى خىتاي شىركىتى ئىشلەپچىقارغانىكەن.

خەۋەردە، ئامېرىكادىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت، شەخس، ۋەخپە، پېنسىيە فوندىلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە يۈز مىليونلىغان دوللار مەبلەغ سالغانلىقى ئېيتىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «سەنس تايىم» بىلەن «مەگۋى» بۇ مەبلەغنى دەسمىي قىلىپ، تېز كېڭەيگەن. ئۇلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شەخسىي كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كومپارتىيەنىڭ پۇقرالىرىنى كونترول قىلىشىغا ياردەملەشكەن.

خەۋەردە، ئامېرىكادىكى يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئورۇنلارنىڭ ئىچىدە پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، ئالياسكا پېنسىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فوندى، روكفېللېر ۋەخپى، فېلورىدا دۆلەت خادىملىرىنىڭ پېنسىيە فوندى، لوس ئانجېلىس ناھىيەلىك خىزمەتچىلەر پېنسىيە فوندى، ئامېرىكانىڭ نېۋجېرسېي شتاتىدىكى ئىنفىنا كامېرا شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىنفىنا كامېرا شىركىتى «سەنس تايمىس» بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ نازارەي سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «سەنس تايىم» بىلەن «مەگۋى» شىركىتى «بازفېد خەۋەرلىرى» گە بايانات بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋەردە يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ مەبلىغى كومپارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەقىب قىلىشىنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە كارخانىلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خەيكاڭ، داخۇئا قاتارلىق 5 شىركىتىنى جازالاشنى ئويلاشماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.