ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يېڭى تەلەپ قويۇلدى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق ئىقتىسادىي پائالىيەتتە جەزمەن ئالدى بىلەن مەزكۇر رايون ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شەخسىي شىركەتلەر شىنجاڭ ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ جاي بىلەن سودا ئالاقىسى قىلماسلىقى لازىم» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايىس ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنى مۇخبىرلار «بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىغا ئىشتىراك قىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ مۇشۇ جاۋابنى بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى دەسلەپ بولۇپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە بىر قاتار جازا چارىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان بۇ خىلدىكى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرىغا قارىتىلغان كۆپلىگەن چەكلىمىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.