ئامېرىكا ئارمىيىسى تايلاندتىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېقىندىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يېڭىۋاشتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ئامېرىكا ئارمىيىسى تايلاندتىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشقا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ زور ساندا ئەسكىرىي كۈچ ئاجراتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسىيا رايونىدا 2014-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر، دەپ قارىلىۋاتقان «ئالتۇن كوبرا» مانېۋىرىغا ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 6800 كىشى قاتناشقان، بۇ ئۆتكەن يىلقى ساننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئالتۇن كوبرا» مانېۋىرى 30 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى مانېۋىرغا 29 دۆلەتتىن جەمئىي 11 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر قاتنىشىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ تايلاندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ستېۋ كاستونگۇاي بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ مانېۋىر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر. بۇ مانېۋىر ئارقىلىق بىز مۇشۇ رايوندىكىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىۋاتىمىز» دېگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى ھەربىي مانېۋىرغا بېرما ئارمىيىسى تەكلىپ قىلىنمىغان. خەۋەردە بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىدە 700 مىڭدىن ئارتۇق روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنى سەرسانلىققا مۇپتىلا قىلغان، دېگەن ئەيىبلەشنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت