ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيە ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ ھەپتە ئۆتكەندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تەيۋەنگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سابىق بىخەتەرلىك ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەك 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى مايك ماللىن (Mike Mullen) باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك تەيۋەن ئەمدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەيۋەننىڭ ھەربىي ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خىتاينىڭ ھازىرقى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈشىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ زېڭچاڭ «بۇ قېتىملىق زىيارەت ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قەتئىي قوللايدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ ئۆلكىسى دەپ قارايدىغان بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ كەلگەنىدى. تەيۋەن ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسى بولغاچقا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەندىكى ھەر بىر پائالىيىتى خىتاينى بىئارام قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىممۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن: «خىتاي خەلقى دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش يولىدىن تەۋرەنمەيدۇ، ئامېرىكا مەيلى كىمنى ئەۋەتىپ تەيۋەنگە مەدەت بەرسۇن، بەربىر مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ غەلىبىسىنى ۋە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پەيتىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت تەتۈرگە قاراپ ماڭغانچە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى خىتاينىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قايناتقان. نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن رۇس ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشى تەيۋەن خەلقى ئۈچۈنمۇ ئۆز دۆلىتىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىسى بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت