ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانى خىتاينى بەكلا بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا تەيۋەنگە ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قىممەتتىكى ھەربىي قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تاجاۋۇزكار تاشقى سىياسىتىگە قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاس»، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

«دۆلەت مەنپەئەتى» تورىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم سېتىپ بېرىلمەكچى بولغان ئاساسلىق قورال م-1ئا2ت تىپلىق تانكا ۋە باشقا ئېغىر تىرانسپورت ماشىنىلىرى بولىدىكەن. بۇ قوراللارنى سېتىۋېلىش باسقۇچى ئاخىرلاشقاندا تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا زور دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن بەكمۇ پەرىشان بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى. شۈبھىسىزكى، بۇ قېتىمقى قورال سېتىپ بېرىش ھەرىكىتى تولىمۇ زىيانلىق» دېگەن. ئەمما تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بۇ قېتىمقى قورال سودىسىدىن بەكمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سودا كېلىشىمىدە بۇ خىلدىكى تانكىدىن 100 دانىسى بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ باھاسى بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت