چاۋۇش ئوغلى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.08.26


24 - ئاۋغۇست، دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگىتون بىلەن ئەنقەرەنىڭ پات ئارىدا شىمالىي سۈرىيەدىكى چېگرا نۇقتىلاردا ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھاۋا ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋۇش ئوغلى ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرەنىڭ سۆھبىتىدە يەكشەنبە كۈنى ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ:«تېخنىكا سۆھبىتى تۈنۈگۈن خۇلاسىلاندى، بىز پات ئارىدا بۇ ھەرىكەتنى باشلايمىز،يەنى ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئومۇمىي ھەرىكەتنى باشلايمىز» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە كۈرەشچى ئايروپلانلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىشىغا ئائىت تاكتىكا تەپسىلاتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كاپىتانى جېف دەيۋىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز تۈركىيەنىڭ يېقىن ئارىدا بىرلەشمە ھاۋا ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى كۈتمەكتىمىز»، دېگەن

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.