ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى قانۇنى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.26

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي رامكا ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى مەخسۇس بەلگىلىمىسىنى بۇ يىل 29 - ئىيۇل كۈنى تەستىقلىشى ھەمدە ئۇنى 1 - ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويۇشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ دەپسەندە قىلىدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەزكۇر باياناتىدا مەيلى خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى قانۇنى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر چىقارغان تېررورىزمغا قارشى قانۇننى ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ تۈپ نېگىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى يولىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئۇرۇنۇشلىرىنى باستۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى يەنە مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ھەربىي ئىدارە قىلىشىغا يول ئېچىپلا بەرمەستىن، بەلكى يەنە بۇ يەرنى خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى جەڭ مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.