ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.19

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتى جەريانىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنىش مەسىلىسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ تىلغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 18-ئاپرېل كۈنى بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، دۆلەت دىپلوماتىيەسى ۋە ئاممىۋى ئالاقە ئىشلىرى سېكرېتارىنىڭ ئورۇنباسارى خېزېر ناۋر بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ۋە پاراكەندىچىلىككە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە تىۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇردا «خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى تېزدىن قويۇۋېتىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئەڭ نېگىزلىك ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جامائەت ئورتاق تەنقىدلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.