جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.09.28

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەللىوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپى، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى تەشكىللىگەن خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى 27-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتى.

ئۈچ كۈنلۈك مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا 10 قېتىملىق مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئەدەبىياتى، سىياسىتى، نوپۇس، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئېكولوگىيە ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان تەخمىنەن 40 پارچە ئەتراپىدا مۇھاكىمە ماقالىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى رەسمىي خىزمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ماقالىلەر ئۈچ خىل تىلدا ئوقۇلدى ۋە نەق مەيداندىن تەرجىمە قىلىندى. ھەر دۆلەتتىن كەلگەن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرىدا يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەرنى توپلام سۈپىتىدە نەشر قىلىش ھەمدە مۇنداق شەكىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەندى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى بويىچە مۇنداق مەخسۇس، چوڭ كۆلەمدە، كۆپ دۆلەتنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان يىغىن تېخى بولۇپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەشتى ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاڭلىغۇچىلار بىردەك ھالدا يىغىننى تەشكىللىگەن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى رەھبەرلىرى پروفېسسور شون روبېرتس، مارېلېن ۋە باشقىلارغا رەھمەت بىلدۈردى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناسلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلاردا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. يىغىندىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن دالا تامىقى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.