ئامېرىكا جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، خىتاي ئىستىخباراتىغا باغلىنىشلىق دەپ گۇمان قىلغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2018‏-يىلى 30 دەك خىتاي ئىجتىمائىي پەن پروفېسسورى، ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ياكى توڭلاتقان. ۋىزىسى بىكار قىلىنغان بۇ شەخسلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ بەييى، بېيجىڭ چوڭياڭ مالىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېن، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي دېڭىز ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جۇ فېڭ قاتارلىق شەخسلەر بار ئىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەربىي تارماقلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى، بار، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېي ئۆتكەن يىلى 2‏-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ «پۈتكۈل ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلانغانلىقى»، بۇنىڭغا «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا يېقىنقى 40 يىل مابەينىدە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا ئامېرىكا قىممەت ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك رەقىبلەرگە ئايلانغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قانۇن تارماقلىرى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارەتچى خىتاي ئىلمىي خادىملىرىنى كۆپلەپ ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرىنى ياغماقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت