پرېزىدېنت ترامپ جون بولتوننى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى قاتتىق قول ئەرباب جون بولتوننى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، جون بولتون ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سودا ۋە تەيۋەن مەسىلىسى تۈپەيلى نازۇك بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا بۇ ۋەزىپىگە قويۇلغان. جون بولتون يۇقىرىقى ھەر ئىككى مەسىلىدە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا «فوكۇس سودا خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش، ئەركىن بازار سودىسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. جون بولتوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىقىدىن پايدىلانسىمۇ، لېكىن خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش، چەتئەل كارخانىلىرىنى يەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىپ كەلگەن. جون بولتون مۇنداق دېگەن: «رېئاللىق شۇكى، خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ پاراۋانلىقىغا بىزنىڭ دۆلىتىمىز كۆڭۈل بۆلگەندەك ئۇنداق كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. . شۇنداقلا ئەڭ يامىنى ئۇلار ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاش، باشقىلارنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستاش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.»

جون بولتون ئىلگىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» نى تەنقىد قىلغان. ئۇ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا «ۋاشىنگتون ئەركىن پەنەرى» گېزىتىدە قىلغان سۆزىدە، «‹بىر خىتاي سىياسىتى› مۈجمەل بىر ئۇقۇم. ئۇنى خىتاي بىر خىل مەنىدە، بىز باشقا بىر خىل مەنىدە چۈشىنىمىز،» دېگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، جون بولتوننىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قول تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. جون بولتون سابىق پرېزىدېنت جورجى بۇشنىڭ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت