ئامېرىكا فېدىرال ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىدارىلىرى خىزمەتچىلەرنى قەرەلسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-10-01
Share

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەت خامچوتى ھەققىدىكى يىغىنىدا پىكىر بىرلىككە كەلمىگىنى ئۈچۈن، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكا فېدىرال ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىدارىلىرى خىزمەتچىلەرنى قەرەلسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم، ئامېرىكا فېدرال ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىدارىلەردىن دۆلەتلىك ھايۋانات باغچىسى، 19 مۇزىخانا ۋە بىر قىسىم مەمۇرى ئىدارىلەرنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەخمىنەن 700 مىڭ خىزمەتچى مائاشسىز دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن.

ئەمما فېدىرال ھۆكۈمىتى خىزمەتچىلىرىدىن يەنە 800 مىڭ خىزمەتچى داۋاملىق ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسى، ئامېرىكا ئاخبارات سىستېمىسى،قاتناش سىستېمىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 17 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى تاقىلىپ قېلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى تاقىلىپ قېلىش ۋەقەلىرى ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت