تىللېرسون ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن سۆزلىشىدىغان ئالاقە قانىلى بارلىقىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.09.30

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىدىغان ئالاقە قانىلى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ، شىمالىي كورېيە بىلەن قانداق سۆھبەت قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتىمىز. سۆزلىشەمسەن؟ دەپ سورايمىز. بىزنىڭ پىيوڭياڭ بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قاناللىرىمىز بار. بىز پەقەت قاراڭغۇ ھالەتتە قالغان ئەمەس.»

ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ پىيوڭياڭ دائىرىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان ئۈچ قانىلى بارلىقىنى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقە قانىلىنىڭ قانداق نەتىجىدە بېرىدىغانلىقىنى ھازىرچە مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە سۆھبىتىدە ھېچقانداق سۈلھى-سالاغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىم جۇڭئۇنمۇ ئۆزىنىڭ بارلىق يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش تەلەپ قىلىنغان ھەرقانداق سۆھبەتنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھازىرچە كىم جۇڭئۇن ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق شەكىلدىكى سۆھبەتكە ھازىرلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو بومبا تەھدىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ شىمالىي كورېيەنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆز ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان پەيتلەردە شىمالىي كورېيە 3-سېنتەبىر بىر ھىدروگېن بومبىسىنى سىناق قىلغان.

بۇ سىناق ب د ت نىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ۋە شىمالىي كورېيەگە يەنە بىر قاتار ئېغىر ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلىنغان.

خىتاي پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا شىمالىي كورېيەنىڭ خىتايدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان شىركەتلىرىنى 120 كۈن ئىچىدە تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىللېرسون ئۆزىنىڭ 2-قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى پەيشەنبە كۈنى باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.