ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى خىتاينى بىئارام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-01
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق 14 مىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى مۇددەتكە بۆلۈپ چېكىندۈرۈپ چىقىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چېكىنىش» نىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جاۋ لىجيەن پاكىستان تېلېۋىزىيىسىگە سۆز قىلىپ، «تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى دەرقەمتە تۇرۇپ ئۇرۇشتىن قالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى لازىم» دېگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئارمىيىسى قوشۇن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ يېڭىۋاشتىن ئەۋج ئېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئىچكى ئۇرۇش قايتىدىن باشلانسا ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغىنى ئالدى بىلەن بىز ۋە پاكىستاندۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئافغانىستاندىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئاستىرتىن ھەمدەم بولۇشىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقان. بولۇپمۇ ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنى «شىنجاڭنى بىزدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلماقچى. ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا قارىتا جاۋ لىجيەن «بۇ پۈتۈنلەي غەرب دۇنياسىنىڭ بىرتەرەپلىمە مەلۇماتلىرى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقسا تالىباننى كونترول قىلىش ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ خىرىس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قاچانىكى تالىبان قايتىدىن زورىيىپ ھۆكۈمەتتىن قۇدرەتلىك بولۇپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئافغانىستان قايتىدىن ئۇرۇش ئوتىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت