ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينى «ھوشيار» بولىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينى ساياھەت قىلىشتا ھوشيار» بولىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ساياھەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلەرنى خالىغانچە سولىشى، چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ساياھەت قىلىشتا «ھوشيار» بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

بۇرۇن خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئالاقىلىرىدە خىتاينى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغقان يوقلاش زىيارىتىدە بولغان بەزى ئۇيغۇر ئامېرىكا پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، سوراق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى ئۆزلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستاش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش جەھەتتىكى ھوقۇقى ناھايىتى زور بولۇپ، مەيلى سودا ئىختىلاپىدا بولسۇن مەيلى تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىش ئىشلىرىدا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي داۋا-دەستۇر بىلەن چېتىشلىقى بولمىغان، ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان كىشىلەرنىمۇ چېگرادىن چىقارمايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ياكى خىزمەتداشلىرىنى خىتاي قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا خىتاينى ساياھەت قىلىدىغان ياكى خىتايدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە ئالاقىدار سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ساياھەت بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ 4‏-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇشى «ساياھەت قىلىشقا بولمايدىغان دۆلەتلەر» گە چىقىرىلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ خىتاينى «ھوشيار بولىدىغان» دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 2‏-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت