دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقلىرىدىن ھېساب ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-18
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقلىرىنى قاتتىق جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى گەرىي كوخېن رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە «بىز بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى قاتتىق جازا قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. مەن بۇلارنى 30 يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويىمەن،»  دېگەن. بىراق، ئۇ بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختالمىغان.

مەسلىھەتچى كوخېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرگۈچىلەر پات يېقىندا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىكەن.

خىتاي ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مۇستەقىل ئورگانلىرىنى شىركەتكە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. بۇ ئەھۋال خىتايدىكى كۆپلىگەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنى نارازى قىلغان. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تېخنىكا ۋە يۇمشاق دېتال ئوغرىلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يۈز مىليارد دوللارلىق زىيان سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت