ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا تاجسىمان ۋىرۇس ئاتالغۇسى ھەققىدە يېڭى بىر كۈرەش باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.03.18

خىتاي ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ئامېرىكاغا «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى» دەپ تۆھمەت قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا رەھبەرلىرى مەزكۇر ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋە «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاش ئارقىلىق خىتاينىڭ تۆھمىتىگە جاۋاب قايتۇردى.

17-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتىردا ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىمىز،» دېگەندىن كېيىن ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئورۇن ۋە شەخسلەر پرېزىدېنت ترامپنى «ئىرقچىلىق قىلدى، بۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانلىق» دەپ تەنقىد قىلغانىدى.

بىراق ئۇ شۇ كۈن ئاخشام مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان بېرىۋاتقان مەن ئەمەس، ئەكسىچە ۋىرۇسنى ئامېرىكاغا ئارتماقچى بولغان خىتايدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇ كۈنى ئاخشام يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئۆزىنىڭ يازما باياناتلىرىدىمۇ «كورونا ۋىرۇسى» نىڭ ئورنىغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىدى. مايك پومپېيو بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن.

يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تىۋىتتىردا ئۇچۇر يوللاپ: «تاجسىمان ۋىرۇسنى 2019-يىلى ۋۇخەن شەھىرىدىكى ھەربىيلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋۇخەنگە تارقىتىۋېتىپ قايتىپ كەتكەن» دېگەندىن كېيىن خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن يېزىلغان نارازىلىق نوتىسى تاپشۇرغان ئىدى. شۇندىن بۇيان ئامېرىكادا ۋۇخەندىن تارقالغان بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاش ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.