ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلىرى ئۇچرىشىپ، يادرو ئەتكەسچىلىكى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۆزلەشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.04.01

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونى تولۇق ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان. ئىككى ئەل رەھبىرى 31‏-مارت سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا، ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن يادرو ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق، تور بىخەتەرلىكى، جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپى، شىمالىي كورېيەنىڭ داۋاملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى قانداق توسۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شى جىنپىڭ دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن. ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە يادرو مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىنى تەكىتلەپ، «بىز ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز. ئامېرىكا يەنە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ» دېگەن.

ئوباما سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئەمما، مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە سەمىمىيەت بىلەن ئىجابىي سۆزلىشىشكە قوشۇلغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىم بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى جىددىي سۆزلىشىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان.

پەيشەنبە كۈنى تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، بەزى ئۆكتىچى خىتايلار دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاشىنگتون خەلقئارا يىغىن مەركىزى» نىڭ سىرتىدا نامايىش قىلىپ، شى جىنپىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.