ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۇرۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي يادرو قورال تەييارلىقىنى تېزلەتكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.11

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئامېرىكا يادرو قورالىنى ئىشقا سالىدۇ دەپ ئويلىغان خىتاي، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرو قورال تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن.

«ۋال-سىتېرت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي گەرچە يادرو قورال سىناقلىرىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا باشلىغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلەپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي تەرەپ جىددىيلىشىپ قالغان ۋە ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەن.

خىتاينىڭ غەربىي رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ رايوندا 100 نەچچە يەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئورنى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكاغا زەربە بېرەلەيدىغان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يادرو قورال تەييارلىقى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكانىڭ ھامان بىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل ناچار يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا تېخىمۇ بېسىم قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەن رۇسىيەنىڭ يادرو قورال بىلەن ئۇكرائىناغا ۋە دۇنياغا تەھدىت سېلىشى خەلقئارانى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا قىستاۋاتقان بولۇپ، خىتايمۇ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.