ئامېرىكا خىتايغا قارىتا «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نى ئاساس قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەگە ھازىرلانماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.02

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى بىر مەيدان «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نى ئاساس قىلغان دىپلوماتىيەگە ھازىرلانماقتىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەت پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كىرون سىكىننېر دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر خەۋپسىزلىك مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قارىتا «پەرقلىق بىر مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئۇرۇش» دەيدىغان ئىدىيە ئاساسىدا يېڭىۋاشتىن ئىستراتېگىيە تۇرغۇزۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. 

«ۋاشىنگتون ئوبزورچىسى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كىرون سىكىننېر سۆزىدە «بۇ بىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بىر مەدەنىيەت بىلەن، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر پەرقلىق ئىدېئولوگىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش. ئامېرىكا ئىلگىرى بۇنداق بىر رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىپ باقمىغان ئىدى،» دېگەن. 

كىرون سىكىننىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئەينى يىللاردا ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت كۆرسەتكۈچىگە ئوخشاش بىر سىستېمىلىق ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلماقتىكەن. سىكىننېر بولسا رۇسىيە بىلەن خىتاينى سېلىشتۇرغاندا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «چۈنكى بېيجىڭنىڭ قىزىل رېجىمى بىز بىلىدىغان غەربچە پەلسەپە ۋە تارىخنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، بىز تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم ئاق تەنلىك بولمىغان بىر قۇدرەتلىك رىقابەتچى بىلەن يۈزلىشىۋاتىمىز،» دېگەن. 

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت، دەپ قارايمىز. خىتاي بىز ئۈچۈن بىر ئىقتىسادىي رىقابەتچى، ئىدېئولوگىيىلىك رىقابەتچى. خىتاي بىر قانچە ئون يىل ئالدىدا ھېچقايسىمىز كۆرۈپ يەتمىگەن، ئەمما ھازىر پۈتۈن دۇنياغا قول سوزۇشنى كۆزلەۋاتقان بىر رىقابەتچىدۇر.» 

سىكىننىر خانىم سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تىجارەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا، ھەتتا ئۇنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ھازىر خىتايغا تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر نۇقتىدىن قاراۋاتىمىز. مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. . .» دېگەن. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلغان ئىدى. 

بىراق كىرون سىكىننېر خانىم خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇق مۇنازىرىسىنىڭ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە ئەينى يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن يول ئاچقان. ئەمما مەن خىتايغا كەلگەندە بۇ ئۇسۇلنى ئىشقا يارايدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.