ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، ئەمما بەزى مەسىلىلەردىكى «زور ئىختىلاپ» يەنىلا ھەل بولمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.04

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سودا سۆھبىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان. لېكىن ئىككى تەرەپ ھېچقانداق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىككى تەرەپنىڭ «بەزى ساھەلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھالقىلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنىڭ يەنىلا «ناھايىتى زور» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن جۈمە كۈنى ئەتىگەندە پەيشەنبە كۈنكى سۆھبەتكە «بەك ياخشى سۆزلىشىشلەر بولدى» دەپ باھا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق پىكىرى بىلدۈرۈپ باقمىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى ئاكتىپ رەقىمىنى كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە 200 مىليارد دوللار ئازايتىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنىڭ خىتاي تېخنىكا كارخانىسى - جوڭشىڭ شىركىتىگە قويغان ئېمبارگونى ئاجىزلىتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلىشىغا قارىتا تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى 150 مىليارد دوللارغا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى سودا سۆھبىتىگە قارىتا تېخى ھېچقانداق پىكىر بىلدۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت ترامپنىڭ 150 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوق ئىكەن.

خىتاي 2017‏-يىلى ئامېرىكىغا 350 مىليارد دوللار ئارتۇق مال ئېكسپورت قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى ئادىل ئېلىپ بېرىشتا قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.