پرېزىدېنت بايدېن خىتاينى ئامېرىكانىڭ رىقابەت قانۇنى ماقۇللىشىغا قول تىقتى، دەپ ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاينى ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي رىقابەت قانۇنى ماقۇللىشىغا قول تىقىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەمەلدار تەيىنلەش قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكانىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىغا 52 مىليارد دوللار، ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاشقا 45 مىليارد دوللار، كەشپىيات ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا 160 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى نۇسخىسى ئۆتكەن يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر ئىككى پالاتا بۇ قانۇننىڭ پرېزىدېنتقا يوللىنىدىغان ئاخىرقى نۇسخىسى ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقانىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئالاباما شتاتىنىڭ تروي شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «تۈپ ئاساسىدىن ئالغاندا بۇ، بىر دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قانۇنغا قارشى كىشىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى…. بۇ دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان مەسىلە. شۇڭا، بۇنى تاماملايلى» دېگەن.

بۇ پرېزىدېنتنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىش جەريانىغا قول تىقىش بىلەن ئەيىبلىشىدۇر. «بلۇمبېرگ» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدېن بۇ سۆزلەرنى سۆزىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلەشكەن بىر ۋاقىتتا ئېيتقان بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا قاراتقان ئەڭ قاتتىق تەنقىدى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى بايدېننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدىكى تەلەپكە جاۋاب بەرمىگەن. ئاقسارايمۇ بايدېننىڭ سۆزىگە ئىلگىرىلەپ چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت