پرېزىدېنت ترامپ: «بىز مۆرىتى كەلسە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈۋېتەلەيمىز»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.05.14

رويتېرس ئاگېنتلىقنىڭ 14-ماي بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك كونترول قىلمىغانلىقىنىڭ ئامېرىكانى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ۋە بۇ ۋىرۇس ئاپىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

پرېزىدېنت ترامپ مۇخبىرلارغا يەنە ئۆزىنىڭ خىتايدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئېيتقان. ئۇ خىتاي بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشكە قىزىقمايدىغانىلىقىنى بىلدۈرگەن.

30-ئاپرېل پرېزىدېنت ترامپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ياسالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا كورونا ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى بىر تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدە «زور مىقداردا ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى» نى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پومپېيو يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ياخشى بولمىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. مەيلى بۇ ۋىرۇس ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن كەلگەن بولسۇن ياكى شەپەرەڭدىن تارقالغان بولسۇن، بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى راست. ئۇلار بۇ ۋىرۇسنىڭ تارىلىشىنى ئۆز ۋاقتىدىلا توختىتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ ئەمدى كونتروللۇقتىن چىقتى.»

پرېزىدېنت ترامپ 14-ماي كۈنى «فوكىس» سودا تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى مارىيا بارتىروموغا: «بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، ھەتتا بىز مۆرىتى كەلسە خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈۋېتەلەيمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.